شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سودا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سودا چەكلىك شىركىتى

كارخانا ئىسمى:
شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سودا چەكلىك شىركىتى
قۇرۇلغان ۋاقىت:
2016-01-08
تىجارەت دائىرىسى:
كىيىم-كىچەك، ئاياغ، بەل تاسما، پۇل قاپچۇق
تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغ:
5000000
ساھە:
تەۋە رايون:

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

تېلفون:
يانفون:
18799461287
فاكس:
ئېلخەت:
782582730@qq.com
QQ:
شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سودا چەكلىك شىركىتى
ئادرېس:
شىنجاڭ ئاقسۇ شايار ناھىيىسى شىمالى خەلىق يۇلى 7-نومۇر
پوچتا نومۇرى:
842200

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

ئەسسلامۇئەلەيكۇم:

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار : بىزنىڭ شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سودا چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرشكەن بۇلۇپ، مەزكۇر شىركەت قۇرلۇشتىن بۇرۇن بىز يەنە 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۇنى «ئۈچ بۈركۈت» ماركىسىنى كىيىم-كېچەك تۈرگە رويىخەتكە ئالدۇرۇپ يەككە ھالدا ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل تىجارەت قىلشنى باشلىغان.بىز قىسقىغىنە بۇ 3يىل جەرياندا ئاز بولمىغان قىينچىلىق ۋە جاچالارنى تارتساقمۇ بەل قۇيۋەتمەي ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن كىيىم-كىچەك لايھىلەپ ئىشلەپ بازارغا سېلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ ئىشلىتىشكىگە سۇندۇق، ھەم شۇنداقلا ئاممىنىڭ كۆپ تەرەپلەردە ياخشى باھاسىغا ئىرشتۇق ،بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كەسپكە بولغان قىزغىنلىقىمىز ۋە تىرشچانلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى، ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەن مەجبۇرىيەت تۇيغۇمىزمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، چۈنكى كەڭ خەلق ئاممىسى بىزگە ئىشنىپ بىزنى قوللىغان ئىكەنكەن بىزمۇ چۇقۇم بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ ھەقىقى مىھنىتىىمىز بىلەن جاۋاپ قايتۇرشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. توغرا كونىلار ئېيىتقاندەك، جاپا –چەكمەي ھالاۋەت يوق دىگەنگە ئوخشاشبىزمۇ بىر تەرەپتىن جاپا چىكىۋاتمىز يەنە بىر تەرەپتىن ئازتولا ھالاۋىتىنىمۇ كۈرۋاتمىز ، ئەمما بىز ھەرگىزمۇ بۇ نەتىنجىمىزدىن پەخىرلەنمەيسىز چۈنكى بىز كۈتكەن نىشان خېلى بەك يىراقتا، بىزنىڭ نىشانىمىز بولسائويغۇر بازارلىردىلا ئەمەس ،ئىچىكىرى ئۆلكە ھەتتا چەتئەل بازارلىردىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ماركىسنى ئېتراپ قىلدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق شىركىتىمىزنىڭ ئىسىل سۈپەتلىك ئىشەنچىلىك ماللىرىبىلەنكىيم كېچەك ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا ئۇرۇن ئېلىشتىن ئىبارەت، مانا بۇ بىزنىڭ شىركەتنىڭ كەلگۈسى نىشانى.

ئەمدى شىركەتنىڭ كەسىپ تۈرلىرنى ئېلىپ ئېيتىساق:-

‹‹شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سودا چەكلىكشىركىتى›› كىيىم-كىچەك سودىسىنى ئاساس قىلغان شىركەت بۇلۇپ، مەخسۇس ئەرلەر كىيىم-كېچەكلىرنى ئۆزنىڭ ماركىسدا لايھەلەپ ئىشلەپ چىقرىش ۋە سېتشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان .

مەسىلەن: ئەرلەرنىڭ كېيىم-كېچەكلىردىن ھەرخىل مۇراسىم كىيم-كېچەكلىرى، كاستۇيۇم بورولكا، بوغماق چاپان، كۆينەك، گاڭسەر، رەخ ئىشتان، نۈزەي ئشتان ،گالىستۈك ،بەل تاسما ۋە ئەرلەرنىڭ ئىچ –كىيم قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار.

مەھسۇلاتىلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى شۈكى :

بىزنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سودا چەكلىكشىركىتى ›› ئىشلەپ بازارغا سالغان كىيىم-كىچەكلەر ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلاردا مەخسۇس لايھەلەپئىشلەنگەنبۇلۇپ، بىزنىڭ شىركەت بۇ كىيىم-كېچەك ئىشلەپ چىقىردىغانزاۋۇتلار بىلەن ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ، بىزنىڭ مەھسۇلاتلارنى ۋاكالىتەن ئشلەپ چىقىردىغان زاۋۇتلارنىڭ ئۈسكىنىللىرى ئىلغار ، تىكىلشلېرى سىپتا، ئۇرۇلغان دەزماللىرى سۈپەتلىك بولغاچقا ، كىيگەن ئادەمگە يارشىملىق تۇيغۇ بېرىپ سالاپەتلىك ھىس قىلدۇرۇدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلپىمىز ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ھەر بىر مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەپ چىقرشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز باراز ئايلنىپ قەيەردە ياخشى سۈپەتلىك ماتىريال بولسا،شۇنى تاللاپ ئشلىتىپ،مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ چىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ئستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇقىنىمۇ كاپالەتكە ئېگە قىلىپ، بىزنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئىشەنچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بارىچە كۈچىمىز بىلەن تىرشچانلىق كۆرستىمىز. بىز ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ماتىرىيال ئوبىكتى يۇڭ ۋەپاختىنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، مەھسۇلاتلىرىمىزنىستېۋالغاندائەنسىرشىڭىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق . بىزگە ئىشەنگىنىڭىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنگىڭىز.

شىركەت قۇرغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:

ئەخمەتنىياز مەخمۇت ، 1984-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ قارقاش ناھىيە پۇرچاقچى يېزا باشجاي كەنتى تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، 6 ياشقىچە ئائىلە تەربىيسدە بولغان، 1991-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 6-ئايغىچە باشجاي كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۇقۇغان، 1997-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 9-ئايغىچەپۇرچاقچى يېزىلىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 3يىل ئۇقۇغاندىن كېيىن، ئائىلسنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ تىجارەت قىلىپ كىلۋاتقان ئەنئەنۋى خارەكتىرى بۇيىچە تىجارەت قىلىش ئارزۇسى كۈندىن كۈنگە كۈچيىپ، ئاخىرى داۋاملىق تۈردە يۇقىرلاپ ئۇقۇشتىن ۋاز كەچكەن،ئەمما ئەخمەتنىياز مەخمۇت ئەپەندى مۇشۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سەۋىيەسى بىلەن مەڭگۈلۈك ئۇقۇشتىن توختاپ قالدىمۇ دىگەندە ياق ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، گەرچە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ تىخى كىچك ئىش كۆرمىگەن ئوسمۈر بالا بولسىمۇ، كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانلارنى پۈككەن، ھەم شۇ ئارزۇسى بۇيىچە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ھەتتا سىز ۋە مەن قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ ھازىرقىدەك ئۆز ئالدىغان مۇستەققىل شىركەت قۇرغىدەك ھالەتكە يەتكەن،كۈرۈپ تۇرۇپتىمىز بۇ دۇنيادا ئادەم تىرششىلا قىلالمايدىغان ئىش يوق، پەقەت بىز تىرشمايۋاتمىز ،بۈگۈن تىرشساقمۇ ئەتە يا ئۆگۈن ئازراق قىينچىلىق بولسىلا ۋاز كىچىۋاتمىز ،دىمەك بۇنداق بولغاندا مەڭگۇ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەخمەتنىياز مەخمۇت ئەپەندىمۇھازىرقى ھالەتكە يەتكۈچە بولغان ئارلىقتا نەچچە يۈز قېتىملاپ ھەرخىل روھى بېسىم ،كەمسىتىش،ۋە ئىقتىسادى قىينچىلىقلارغا دۈچ كەلگەن،ئەمما ئۈمۈدسىزلەنگەن بولسىمۇ ،بىر قېتىممۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كىچىپ باقمىغان،شوڭا ئاشۇ تۈزۈك بىر ئۇقۇش تارىخى يوق ياكى قۇلۇدا بىرتىينمۇ پۇلى يوق ھالەتتە باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزنىڭ تۇرمۇشنى قامدىسا،يەنە بىر تەرەپتىن سودا-سېتىق ئىشلىرنى ئۆگىنىپ، ئاستا-ئاستا ئالغا ئىلگىرلەپ،ئازراق ئىشلىرى ئورنىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە2015-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ شانئال كەسپى تەربىلەش مەكتىپى چىڭخۇا ئۈنۋىرىستىتى يۇقىرى دەرىجىلىك لىدىر تەربىلەش سىنىپىدا بىر يىل ئۇقۇپ مەكتەپنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەن، ئەخمەتنياز مەخمۇت ئەپەندى مۇشۇ بۇيىچە ئۇقۇشنى توختىتىپ قويماي داۋاملىق بىلىم ئاشۇرماقچى،بىز ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

ئەخمەتنىياز مەخمۇت ئەپەندىمنىڭ يۈرەك سۆزلىرى:

مېنىڭ تۇنجى سودا ساھەسىگە قەدەم قويغان ۋاقتىم 2007-يىللىرى بۇلۇپ، مەن شۇ يىللاردا قانداق تجارەت قىلىپ يول تاپقىلى بولدىغانلىقىى تۇلۇق بىلمىگەچكە،ناھيىمىزدىكى بىر تىجارەت سۇرۇنىغا ئىشلەش ئۈچۈن كىردىم، ئۇ سورۇندا1يىلدىن ئارتۇق تۇرغاندىن كىيىن، ئۆز ئالدىمغا تىجارەت قىلىشنى ئويلاپ سودادىڭىزىغا قەدەم قويدۇم ، شۇنداق قىلىپ 2009-يىلى7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە دۇكان ئىجارە ئېلىپ تىجارىتىمنى باشلىۋەتتىم .دەسلەپ ئۆزەممۇ بەك ئەنسىردىم، تىجارەت باشلاپ تۇنجى يىلى ئشلىرمىز تازا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى . مەيلىئختىسادنىڭ ئىشلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئىختىدار جەھەتتىن بولىسۇن خېلى بەكلاقىينالدوق،كىين ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بىزمۇ سودا دىېڭىزىدا ئۈزۈپ يۇرۇپ خېلى پىشىپ يىتىلدۇق،كونىلار دىگەندەك «كېمىچىنىڭ بۇرنىغا سۇكىرمىسە كېمىچى بولمايدۇ» دىگەندەك بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ ھەرخىل سىناقلار كەلدى،بىراق بىز بەل قۇيۋەتمەيشۇ سىناقلارنى بىربىرلەپ يىڭىپ چىقتۇق، بارا-بارا تىرشىش ئارقلىق 2013 -يىلى «ئۈچ بۈركۈت» ماركىسىنى رەسىمى رويىخەتكە ئالدۇردۇق، ئەمما مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى شۇ ۋاقىتتا پىلان بۇيىچە ئىش باشلىيالمىدۇق، ئامال بولماي ئارلىقتا يەنە كونا ئۇسۇلىمىز بۇيىچە تىجارەت قىلىۋەردۇق ، تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇپ2015-يىلى 9-ئايغا كەلگەندەبىر دوستۇمنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن شىنجاڭ شانئال كەسپى تەربىلەش مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىردىم، ئۇقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ،ئۆزەم ئويلاپ ھىس قىلىپ باقىمىغان نۇرغۇن مەسىللەرنى تۇنۇپ يەتتىم ھەم چۈشەندىم ،شۈنىڭ بىلەن ئۆزەمنىڭ بىلىم سەۋيىسىمۇ خېلى بەكلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ، مۇشۇ ۋاقىتلا ئاندىن ئۇقۇشنىڭ ئىنايىن زۆرۈرلۈكنى يەنە بىر قېتىم تۇلۇق ھىس قىلدىم، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8 –كۈنى ھازىرقى «شىنجاڭ ئۈچ بۈركۈت سوداچەكلىك شىركىتى » نى ھەققى يۇسۇندا رويى خەتكە ئالدۇرۇپ رەسمى قۇرۇپ چىقتىم ، شىركتمىزنىڭ روھى خەتكە ئالدۇرغان ئالدۇرغان مەبلىقى 1مىليۇندىن كۆپرەك بۇلۇپ، تىجارەت ئورنىمىز 300كۇۋادىراتمېتىردىن ئاشىدۇ، بىزنىڭ شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى پىلانى بولسا مەھسۇلاتلىرىمىزنى تېخمۇ ياخشىلاپ، مەيلى رەختى جەھەتتە بولسۇن ياكى تىكىلشى جەھەتتە بولسۇن ئەڭ سۇپەتلىك ھەم يارشىملىق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ، كەڭ خەلق ئامىسىغا سۇنۇش بىلەن بىرگە ‹‹ئۈچ بۈركۈت››ماركىسدىكى مەھسۇلاتلىرمىزنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرمەكچى،ئاخىردا كۆپچىىلىككە دەيدىغىنىم بىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ بەرگەن بارلىق قېرنىداشلىرىمغا بىزنىڭ شىركەت نامىدىن چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمەن. سىلەرگە كۆپ رەخمەت.



ئالى بازا ئەنجۈر نەشىرى
يانفون تور بېكىتىڭىزنى قۇرۇۋىلىڭ
كارخانا تور بېكىتىڭىزنى قۇرۇۋىلىڭ