شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

كارخانا ئىسمى:
شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
تىجارەت دائىرىسى:
ئورگانىك ئۇن ، ئورگانىك چامغۇر ، ئورگانىك چىلان ، ئورگانىك ئۈرۈك
ساھە:
تەۋە رايون:

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

تېلفون:
0997-5980008
يانفون:
ئېلخەت:
xjalnuri@qq.com
QQ:
ئادرېس:
شىنجاڭ ئاقسۇ كەلپىن ناھىيىسى ئەلنۇرى يولى 18-نۇمۇر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 1995-يىلى ئۇن پىششىقلاش كەسپىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ،مەھسۇلاتنىڭ ساپ تەبىئىي ،شۈبھىسىز  پىششىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ، ھازىر كەسىپ دائىرىسى ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاش ، كەلپىن چامغۇرىنى پىششىقلاش، ساپ تەبىئىي گۈرۈچچىلىك ،مىۋە-چىۋە پىششىقلاش، ئىكىلوگىيلىك دېھقانچىلىق مەيدانى، يېمەك-ئىچمەك،مېھمانساراي قاتارلىق كەسىپلەرگە كېڭەيگەن، مۇقىم خىزمەتچى خادىمى 150نەپەردىن ئاشقان  پىششىقلاش،سېتىش،مۇلازىمەت بىرگەۋدىلەشكەن ئونۋىرسال كارخانىغا ئايلاندى.

شىركىتىمىز خەلقىمىزنى زىيادە ئاق،زىيادە سوزۇلۇشچان،زىيادە كۆپۈشچانلىققا ئىگە ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان خېمىيىلىك دورىلار قوشۇلغان تەننەرقى تۆۋەن ئۇنلارنى ئىستىمال قىلىشتىن،ساپ تەبىئىي ،پاكىز ،قۇۋۋەتلىك ھەم ئورگانىزىمغا پايدىلىق بولغان ئۇنلارنى ئىستىمال قىلىشقا يېتەكلەپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشۇش مەخسىتىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق  2014-يىلى ھەرخىل بۇلغۇنۇشلاردىن خالى دۆلەت دەرىجىلىك ئىكىلوگىيىلىك رايۇن شىنجاڭ كەلپىن ناھىيە بازىرى تاغ باغرىغا  ئورگانىك يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بۇيىنچە  1- باسقۇچتا 20 مىليۇن يۈەن مەبلەخ سېلىپ ،ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار بولغان  كۈندۈلۈك بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 150توننىلىق، بەشتىن خالى ھەقىقى ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇن زاۋۇتى بىلەن  يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىختىدارى 5000 توننىلىق مىۋە-چىۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئاساس قىلىپ كۆلەملەشكەن بىر سانائەت باغچىسى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى.

سانائەت باغچىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەلنۇرى ساپ تەبىئىي ئۇنلىرىنىڭ بەش چوڭ ئالاھىدىلىكى:

1. خېمىيىلىك دورىدىن خالى،چۈنكى خېمىيىلىك دورىسىز ساپ تەبىئى ئۇن ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى. 2.بۇلغانغان ھاۋادىن خالى،چۈنكى ساپ ھاۋا  بۇغداي ۋە ئۇنلارنىڭ ئۈسكۈنىلەرگە پاكىز يەتكۈزىلىشىنىڭ كاپالىتى.3.بۇلغانغان سۇدىن خالى،چۈنكى ساپ سۇ بۇغدايلارنىڭ پاكىز يۇيۇلىشىنىڭ كاپىتى. 4.سۈپەتسىز بۇغدايدىن خالى،چۈنكى سۈپىتى ياخشى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بۇغداي سۈپەتلىك ساپ تەبىئىي ئۇن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كاپالىتى. 5. ئوزۇقلۇق ئىلمىنىتلىرى كۆيدۈرىۋېتىلىشتىن خالى،چۈنكى ئىلغار تېخنىكا تۆۋەن تىمپۇراتۇرىدا پىششىقلاش ئۇندىكى ئوزۇقلۇق ئىمىنىتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىنىڭ كاپالىتى. (تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە تۆۋەن تىمپۇراتۇرىدا پىششىقلانغان ئۇننىڭ تەركىبىدىكى كاروتېن(胡萝卜素) نىڭ مىقدارى  يۇقىرى تېمپۇراتۇرادا تارتىلغان ئۇندىن 17ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ).

شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى:

شىركىتىمىز ئىلكىدە ھازىر بار بولغان ئىكىلوگىيىلىك دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئاساس قىلىپ يەنىمۇ كېڭەيتىش بىلەن بىرگە  رايۇنىمىزدىكى يەر ئېگىدارلىرى ۋە  دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ  ھەرخىل خېمىيىۋى دورىلار ئىشلىتىلمەيدىغان ئورگانىك دېھقانچىلىق رايۇنى بەرپا قىلىپ سانائەت باغچىمىزنى تېرىشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە ھەرخىل بۇلغۇنۇشتىن ۋە خېمىيىلىك دورىلاردىن خالى  ئورگانىك ئۇن،ئورگانىك كەلپىن چامغۇر، ئورگانىك چىلان ۋە ئورگانىك ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇپ ئەلنۇرى شىركىتىنى ساپ-تەبىئىي  ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشتىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشىمىز !

ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن دائىملىق يىمەكلىكىڭىزنىڭ ساپ تەبىئىيلىكىگە دىققەت قىلىڭ!

تەبىئىي يىمەكلىك ساغلام دىمەكلىك!

يانفون تور بېكىتىڭىزنى قۇرۇۋىلىڭ
كارخانا تور بېكىتىڭىزنى قۇرۇۋىلىڭ