ئۈرۈمچى ئارامبەخىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2010-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ، شىركەت قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن (100 يىللىق تارىخقا ئىگە كارخانىلارنىڭ) داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ بازىرىغا ئېلىپ كىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىستىمالچىلارنىڭ يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى.
شىركەت يەتتە يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى نەچچە يۈز خىل مەھسۇلاتى بار كىچىك شىركەتتىن تەرەققى قىلىپ ھازىرقى 100دىن ئارتۇق خەلقئارادىكى داڭلىق ماركا، 12مىڭ خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى بار بولغان چوڭ تىپتىكى كارخانىغا ئايلاندى.