قاراماي شەھەرلىك مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك شىركىتى 2006-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى يەم –خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، قوي-كالا باقمىچىلىقى، قوي-كالا، ئۆي قۇشلىرىنى بوغۇزلاش، قوي-كالا، ئۆي قۇشلىرى گۆشلىرىنى توپ ۋە پارچە سېتىش، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى زامانىۋى ئۇسۇلدا ئوراپ قاچىلاش، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىقلار مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدىغان كارخانا.
مەھسۇلاتلىرى:«لەززەت» ماركىلىق گۆش مەھسۇلاتلىرى
شىركەت تەرەققىيات تارىخى:1999-يىلى ئاددىي كۆلەمدىكى قوي-كالا قۇشخانىسىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلىپ، سەككىز يىللىق تىجارەت مۇساپىسىدىن كېيىن رەسمىي شىركەت بولۇپ قۇرۇلغان.شىركەت نۆۋەتتە، يىلىغا 12 مىڭ تۇياق قوي، 5 مىڭ تۇياق كالا بېقىشقا بولىدىغان 40 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق باقمىچىلىق مەيدانى، كۈندە 500 تۇياق قوي ، 30 تۇياق كالا سويۇپ، 5000 توخۇ بوغۇزلاشقا بولىدىغان 12 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق قۇشخانىسى، 10 غا يېقىن بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ھەمدە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بار بولغان شىركەتكە ئايلانغان.