شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

كارخانا ئىسمى:
شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
قۇرۇلغان ۋاقىت:
2015-01-20
تىجارەت دائىرىسى:
تالانت توكسىكىلىتىنى مەخسۇس سېتىش
تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغ:
0
ساھە:
تەۋە رايون:

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

تېلفون:
0991-2600638
يانفون:
18999887813
فاكس:
ئېلخەت:
sulayman@xjtalant.com.cn
QQ:
شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئادرېس:
شىنجاڭ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى جىنيىن يولى 209-نۇمۇر ۋەنخېجۈ
پوچتا نومۇرى:
830001

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى 1-ئايدا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان ئۇچۇر يېڭىلىنىشى ۋە يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بازار ۋە دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ رايونىمىزدا يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بولغان بۇ شىركەتنىڭ يېڭىچە تەرەققىيات يۆنىلىشى كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىركەت دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىلغان، يېشىل ئېنىرگىيەلىك مۇھىت ئاسرايدىغان،ھەر خىل تىپتىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق TALANT ماركىسىدىكى توكسىكلىتلارنى ئىشلەپچىقىىرىش ۋە سېتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، دىيارىمىزدىكى يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىردىبىر باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى.

شىركەت قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىركەت-زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپا پاسونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توكسىكلىت ۋە يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان لېتى باتارىيەلەرنى بازارغا سېلىپ كەڭ خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەرخىل يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ ئۈزلۈكسىز بازار ئاچتى. بۇ يىل يەنە شاڭخەي كېسۇ ئەقلىي ئىقتىدار پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقىدارلىق پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتى بولغان TALANT SOCO ئەقلىي ئىقتىدارلىق توكسىكلىتىنى بازارغا سالدى. ھازىرغا قەدەر پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە 15 دىن ئارتۇق تالانت مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋە ۋاكالەتچىلىرى بار بولۇپ، شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى ماركا بازار قىممىتى 10مىليۇن يۈەندىن ئاشتى. شىركەت  ۋاكالەتچىلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن دۇكان ئىجارە تولۇقلىمىسى، دۇكان بېزەش تولۇقلىمىسى، ئېلان-تەشۋىقات تولۇقلىمىسى، مەھسۇلات سېتىش تولۇقلىمىسى ۋە يىللىق مۇكاپات قاتارلىق تولۇقلىمىلار بىلەن تەمىنلەپ، ۋاكالەتچىلەرنى ھەرجەھەتتىن ھەقسىز يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش، سېتىش ۋە بازار ئېچىشقا ياردەم قىلىش ۋە سېتىش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ بېرىشتەك ياخشى تۈزۈمنى يولغا قويدى. شىركەت بۇ ئارقىلىق  ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش بىلەن بىرگە، بىرتەرەپتىن دۆلىتىمىزنىڭ  مۇھىت ئاسراش چوڭ ئىشىغا تۆھپە قوشسا يەنە بىر تەرەپتىن بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمىئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسمىنى يەڭگىللەتتى.

شىركەتنىڭ كەلگۈسى نىشانى بولسا يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىگە تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، خەلقئارالىق يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، دىيارىمىزغا ھەقىقىي يۇسۇندىكى يېشىل ئېنېرگىيەلىك، مۇھىتقا زىيانسىز بولغان توكلۇق ئاپتوموبىللارنى كىرگۈزۈپ خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ پاكىز، بۇلغانمىغان، ساپ يېشىل مۇھىت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

شىركەت  نۆۋەتتە يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى دىيارىمىزدا تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خەلقئاراغا يۈزلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى دۇنياۋى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقىمىزنى تېخىمۇ زامانىۋى، قولايلىق،  يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.

كۆكلە تالانت، ئىسمى-جىسمىڭغا لايىق تالانتىڭنى جارى قىلدۇر!



ئالى بازا ئەنجۈر نەشىرى
يانفون تور بېكىتىڭىزنى قۇرۇۋىلىڭ
كارخانا تور بېكىتىڭىزنى قۇرۇۋىلىڭ