شىنجاڭ نۇرلۇق كۆز كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى 2017ـ يىلىدىن باشلاپ كەسپىي ساھەگە كىرىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بىر نەچچە يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، جەمىئىيىتىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدىكى ئاجىزلىق مەسلىلىرىنى ياخشىلاپ، ئاز بولمىغان ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ۋە ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
شىركىتىمىز ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسىنىڭ كۆپىيىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەشكەن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ ،2020ـ يىلى تيەنجىن جيۇمى جيۇ كۆرۈش نۇرى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتپ، يېڭى بىر تۈركۈم ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، كەسپىي سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈردى.
تيەنجىن جيۇمى جيۇ كۆرۈش نۇرى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بولسا، ۋېنجۇ تېببىي داشۆسى، تيەنجىن تېببىي داشۆسى قاتارلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەتقىقات ئورۇنلىرىكى باشلامچى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن كەسپىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىگە ئىگە بولۇپ، دوختۇرخانا ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قاتارلىق كەسپىي ئاپپاراتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شىنجاڭ نۇرلۇق كۆز كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى كەسپىي تېخنىكا، يۇقىرى ئۆلچەملىك مۇلازىمەت بىلەن ھەر قايسى ئاتا ـ ئانىلارنىڭ كېلىپ سىناپ بېقىشىنى ۋە مەسلىھەت سورىشىنى قارشى ئالىدۇ.