پاراسەت كەسپى مەكتىپى قىسقىچە تەرجىمىھالى .
مەكتەپ نامى: قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراسەت كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى .
مەكتەپ خارەكتىرى: مەكتىپىمىز 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتلىك ئالاقىدار مەمۇرىي ئوگانلار تەرپىدىن قۇرۇلغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى پۇقراۋى ئىجتىمائىي كارخانا .
مەكتەپ ئومومىي كۆلىمى: 2800 پىڭفاڭ.
مەكتەپ ئاساسىي فاڭجېنى مەقسىدى: مەكتىپىمىز مەسۇلىيەت ئۈچۈن قانۇننى ئۆلچەم، ئادەمنى ئاساس ، كەسپىي ئىقتىدارىنى نىشان پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ۋە جەمىيەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىپ، جەمىيەتتىكى كەڭ كۇرسانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسىپ تاللاپ ۋاقىت شارائىتىغا ماس ھالدا مەكتىپىمىزگە ئەمەلىي كېلىپ ئوقۇش ياكى تور ئارقىلىق ئوقۇش پۇرسىتىنى ھازىرلاش ئارقىلىق بىلىم- تېخنىكا ئىگەللەپ ئۆز ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىستىكىدىكى ھەر قانداق كىشىلەرنى يۇقىرى سۈپەت، ئىلغار ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئەمەلىيەتچىل كەسپىي تېخنىكا ماھارەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۈگەنگۈچىنى چۇقۇم قول سېلىپ ، ئەمەلىي قوللىنىپ ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان سەۋىيىدە جەمىيەتكە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق گۈزەل، باي، سوتسىيالىستىك، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ جۇڭگوچە پەن تېخنىكا روھىنى نۇرلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت .
مەكتىپىمىزنىڭ ئەنگە ئېلىنغان مەبلىغى: 2 مىليۇن 500 مىڭ.
ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتى: ئاساسى ۋە ئوتتۇرا سەۋىيە بويىچە جەمئىي يىگىرمە يەتتە خىل كەسپىي تۈرى بار .
ئاساسلىق ئىشچى خىزمەتچىمىز: 43 نەپەر.
يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى: جەمئىي ئوقۇتقۇچى 37 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېر 3 نەپەر، ئىنژېنېر 8 نەپەر، ئالىي تېخنىك ئوقۇتقۇچى 27 نەپە،ر سىرتتىن تەكلىپلىك يېتەكچى ئوقۇتقۇچى 9 نەپەر قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن.
مەكتىپىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تېرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسدە 2020-يىلى 4-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئالاقىدار ئورگانلار تەرپىدىن شىنجاڭ بويىچە AAA دەرىجىلىك ئىناۋەتلىك كۈچلۈك پۇقراۋى مەكتەپ بۇلۇپ باھالىنىش شەرپىگە ئىرىشتى.
مەكتىپىمىز نىشانى :
ئوقۇغۇچىلارنى رايونىمىزنىڭ بازار ئېگىلىكىگە زىچ ماسلىشىپ جەمىيەت-دەۋىر تەرەققىياتىغا ئورگانىك بىرلىشەلەيدىغان ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك تېخنىك ئىگىللىرنى يىتىشتۈرۈپ ئىش ئورنىدا تۇرغۇزۇپ توردا ۋە ئەمەلىي تەربيلەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ھەرمىللەت كۇرسانىت ئوقۇغۇچىلارنى كەسىپتە مۇۋەپپىقيەت قازىنىپ كەسىپ ئارقىلىق ئېگىلىك تىكلەپ ئىستىقبالىنى تېپىۋىلىشىغا ياردەم بىرىشتىن ئېبارەت.
ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئادرېسى:
شىنجاڭ يەكەن شەھەر دالى بازا ر مىللەتلەر كوچىسى ئىچىدە.
ئىشخانا ئالاقە نۇمۇرى:13909984581
0998-8520100
شىمالىي شىنجاڭدىكى تىزىملاش ئورنى:
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخۇئا جەنۇبىي يولى 667- قورۇ.
ئىشخانا ئالاقە نومۇرى:17609919761
XJ-پاراسەت كەسپى مەكتىپى تور دەرىسخانىسى
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى