ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، مال باھا ئىدارىسى ۋە باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، 2006-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى 900 مىڭ يۈەن. ئومۇمىي كۆلىمى 3700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىر چوڭلار مەكتىپى ۋە بىر بالىلار مەكتىپىدىن ئىبارەت ئىككى مەكتەپ رايونى، بىر چوڭ پائالىيەت دەرسخانىسى، ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن 40 سىنىپ، ئوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىش ئىشخانىسى، 14 سىنىپلىق ۋىتامىن ئىنگلىز تىلى، بىرگە-بىر ئوقۇتۇش رايونى، كومپاس تەبىئىي تىل ئۆگىنىش رايونى، ئاتلان قەھۋەخانىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.