AliCMS
يوقۇرى ئۈنۈملۈك تور سىستېمىسى ئېچىش جازىسى

دىتالنى ھەقسىز چۈشۈرۈشكودنى ھەقسىز چۈشۈرۈش

ئەڭ يېڭى نەشىرى : 5.1

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى : 2015-09-07

نىمە ئۈچۈن AliCMS نى تاللايمەن؟

نىمە ئۈچۈن AliCMS نى تاللايمەن؟

AliCMS بولسا، ھەرقانداق تور سىستېمىسىنى ئېچىشتىكى ئاساسى جازا. ئۇ ھەقسىز، شۇنداقلا ئوچۇق كودلۇق. AliCMS قۇرۇلما جەھەتتىن ئىنتايىن ئەلا بولۇپ، ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن ئىدىيە ئومۇمى يۈزلۈك سىستىمىغا سىڭگەن، MVC دىن ئىلغار بولغان MV مودىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. AliCMS پۈتۈنلەي ئىقتىدار بۆلەكلەر بويىچە لايىھلەنگەن بولۇپ، چەكسىز كېڭىيىشچانلىققا ئىگە، ئىقتىدار بۆلەكلەر خالىغانچە بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ، ئۆلچەملەشكەن، ئېچىش ئاسان. AliCMS دۇنيادا بىردىنبىر كۆپ تىللىق تېخنىكىسىغا ئىگە. باشقا ئالاھىدىلىكلەرنى بىر بىرلەپ كۆرەيلى.

AliCMS ھەقسىز، شۇنداقلا كودى ئوچۇق

AliCMS ھەقسىز، شۇنداقلا كودى ئوچۇق

AliCMS نىڭ كودى Apache Licence 2.0 كېلىشىمى ئاستىدا ئېچىۋىتىلگەن. خالىغانچە چۈشۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە تارقىتىشقا يول قويۇلىدۇ. AliCMS ئاساسىدا سىستېمىلارنى ئېچىشقا بولىدۇ، ئۆزى ئاچقان سىستېمىلارنى ئوچۇق كودلۇق تارقاتسىمۇ ياكى ھەقلىق تارقاتسىمۇ بولىدۇ. بىر شەرت شۇكى، تارقاتقان سىستېمىلاردا ئەسلى كودتىكى كىلىشىمنى بىرگە تارقىتىشى كېرەك، يەنى ئەسلى ئاپتورنىڭ ئاپتورلۇق ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

MVC دىن ئىلغار بولغان MV مودىلىنى ئىجاد قىلدى

MVC دىن ئىلغار بولغان MV مودىلىنى ئىجاد قىلدى

MVC مودىلى نۆۋەتتىكى مودا بولغان سىستېما ئېچىش مودىلى. ئۇنىڭ مەقسىدى بەت ياسىغۇچى بىلەن پىروگىراممىرنىڭ خىزمىتىنى ئايرىۋىتىش. ئەمما، بۇ مەقسەتكە يېتىش تەلتۈكۈس بولمىغان، يەنى Model بىلەن View ئارىسىغا Controller قىسىلىۋالغان. مۇشۇ Controller سەۋەبلىك، بەت ياسىغۇچى بىلەن پىروگىراممىر ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن ئارتۇقچە خىزمەت ئىشلەش كىرەك. AliCMS بۇ ئۆسمىنى كىسىپ تاشلىدى، يەنى MV مودىلى. بەت ياسىغۇچى بىلەن پىروگىراممىرنىڭ خىزمىتى تەلتۈكۈس ئايرىۋىتىلدى.

ئەڭ ئەۋزەل كۆپ تىللىق تېخنىكىغا ئىگە

ئەڭ ئەۋزەل كۆپ تىللىق تېخنىكىغا ئىگە

AliCMS ۋۇجۇتقا كىلىشى بىلەنلا كۆپ تىلنى ئالاھىدە ياخشى قوللايدۇ. كۆپ تىللىق سىستېما ئاچقاندا، بىر يۈرۈشلا ئىقتىدار بۆلىكى ۋە قېلىپ ئاچسىلا بولىدۇ، باشقا تىل نەشىرى باشقۇرۇش بېتىدە ئاددى تەرجىمە قىلىش ۋە سەپلەش بىلەنلا تەييار بولىدۇ. بارلىق تىلدىكى مەزمۇنى پەقەت بىر باشقۇرۇش بېتىدىلا باشقۇرۇشقا بولىدۇ.ئوخشاش بىر مەزمۇننىڭ ئوخشىمىغان تىلدىكى تەرجىمىسىنى مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە،قازاقچە ۋە قىرغىزچىنى ئالاھىدە قوللايدۇ

ئۇيغۇرچە،قازاقچە ۋە قىرغىزچىنى ئالاھىدە قوللايدۇ

AliCMS ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچىنى تىگىدىن قوللايدۇ. بۇ تىللاردىكى سىستېمىلارنى ئاچقاندا، خەت توغرا كۆرۈنمەسلىكىدىن ياكى خەت كىرگۈزگىلى بولماسلىقتىن ۋە ياكى ساقلىغاندا قالايمىقان بولۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچلەردىكى خەتنىڭ كۆرۈنۈش ۋە يېزىش مەسىلىسى تەلتۈكۈس ھەل بولغان. html تەھرىرلىگۈچتە يېزىش ۋە كۆرۈنۈش ھەل بولغان. eot ياسىيالماسلىقتىن قورۇقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئاپتۇماتىك تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى

ئاپتۇماتىك تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى

ئاددى بىر قانچە قەدەم بىلەنلا، باشقۇرۇش بېتىنلا پۈتۈن تور بېكەتنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى ۋە خەنزۇچە مۇرەككەپ تىل نەشىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

پۈتۈنلەي ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن ھالدا لايىھلەنگەن

پۈتۈنلەي ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن ھالدا لايىھلەنگەن

ئىقتىدار بۆلىكى ئېچىشتىن تارتىپ قېلىپ ئېچىشقىچە ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن ئىدىيە سىڭگەن. بۇ سەۋەبلىك ئىقتىدار بۆلىكى ئېچىش ۋە قېلىپ ياساش ھەددىدىن زىيادە ئاسانلاشقان ھەمدە ئۆلچەملەشكەن. سىستىمىنى چۈشۈنىش ۋە ئىشلىتىشمۇ ئاسانلاشقان.

پۈتۈنلەي بۆلەكلەشكەن لايىھلەنگەن

پۈتۈنلەي بۆلەكلەشكەن لايىھلەنگەن

پۈتۈن سىستېما ئىقتىدار بۆلەكلىرىدىن تۈزىلىدۇ، سىستېما بۆلىكىمۇ شۇنداق. AliCMS چەكسىز كىيڭىيەلەيدۇ، بۆلەكلەر مۇستەقىل، شۇنداقلا خالىغانچە بىرىكتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۆلەكلەرنى قاچىلاش ۋە يۇيۇۋىتىش ئاددى ھەم پاكىز. بۆلەك ئېچىش ئۆلچەملەشكەن بولۇپ، ئېچىش ۋە ئاسىراش ئاددىيلاشقان.

قېلىپ ئېچىش ئەڭ ئاددى

قېلىپ ئېچىش ئەڭ ئاددى

قېلىپ ئېچىش دۇنيادا ئەڭ ئاددى، ئوخشاش تۈردىكى دىتاللار ھەرگىز يىتەلمەيدۇ. قېلىپ ياسىغۇچى پەقەت ئوندەك تەگ ۋە ئۆزگىرىشچان قىممەتنى بىلىۋالسىلا بولىدۇ. سىستېمىدا قانچە ئىقتىدار بۆلىكى بولىشى ۋە كەلگۈسىدە قانچىسى بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنى ئايرىم ئۈگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. قېلىپ ياسىغۇچى ھىچقانداق ھەركەتچان تور بېكەت تىلى بىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، يەنى asp.net , asp, php, jsp لارنى بىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۆزى ئىجاد قىلغان بۆلەككە بۆلۈش ئۇسۇلى

ئۆزى ئىجاد قىلغان بۆلەككە بۆلۈش ئۇسۇلى

AliCMS نىڭ پىرىنسىپىنىڭ بىرى شۇكى كىم نىمە قىلىش كىرەك بولسا، شۇنى قىلىش. شۇڭا MV مودىلىنى ئىجاد قىلىپ، بەت ياسىغۇچى بىلەن پىروگىراممىر ئايرىۋىتىلدى. web ئۆلچى بويىچە html, css ۋە javascript ئايرىۋىتىلدى، يەنە بەت يېزىشتىكى ئۆلچەملىك ئۇسۇل بۆلەككە بۆلۈش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى. شۇ سەۋەبلىك، بەتنىڭ كود سۈپىتى ئاشىدۇ، تىز يېزىشقا، ئاسىراشقا پايدىلىق، بەتنىڭ ئىشەنچىلىكلىگى ۋە چۈشۈنۈشچانلىقى ياخشى بولىدۇ. كىم يازغان بولسۇن، يەنە بىرەيلەن ئاسان پايدىلىنالايدۇ.